«خۇامۇلەن» فىلىمىنىڭ ئوبراز تەشۋىق سۈرەتلىرى
dilxatيوللىغۇچى : 2020-01-27 14:55:06   كۆرۈلۈشى:44
ساقلاش
ياخشى(0

ۋاقىت تورى 26-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دىسنېينىڭ ھەقىقىي ئادەملىك فىلىمى «خۇامۇلەن» بۈگۈن ئالتە باش رولچىنىڭ يېڭى تەشۋىق سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى. سۈرەتلەردە ليۇ يىفېي رولىنى ئالغان خۇامۇلەن، جېن زىدەن رولىنى ئالغان تاڭ سانغۇن، گوڭ لى رولىنى ئالغان ئالۋاستى ئايال، لى ليەنجې رولىنى ئالغان پادىشاھ، جاسون سكوت لى رولىنى ئالغان ھونلار سەردارى باۋرى خان، ئەن يوسون رولىنى ئالغان لەشكەر چېن خوڭخۇي ئوبرازى ئايرىم-ئايرىم ھالدا نامايەن بولغان.

مەزكۇر كىنودا دىسنېينىڭ كىلاسسىك كارتونى «خۇامۇلەن» نىڭ ھېكايىسى قايتا بايان قىلىنىدۇ. كارتون فىلىمغا ئوخشاش، ھەقىقىي ئادەملىك فىلىم «خۇامۇلەن» دە، جۇڭگو تارىخىدىكى ئايال پالۋان خۇامۇلەننىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. فىلىمدە خۇامۇلەن ئەرەنچە ياسىنىپ، ياشىنىپ قالغان دادىسىنىڭ ئورنىدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىم 2020-يىلىدىكى ئەڭ تەقەززالىق فىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۆتىنچى فىلىم بولۇپ قالغان. بۇ فىلىمگە ئايال رېژىسسور نىكى كارو رېژىسسورلۇق قىلغان، بۇ فىلىم شىمالىي ئامېرىكىدا 3-ئاينىڭ 27-كۈنى قويۇلىدۇ.


باھا سۆزلەر

ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق !

OO ئالاقە فىلىم تەلەپ قىلىش ئۈستىگە قايتىش