ئىلگىرى كىشىلەر كۆزگە ئىلمىغان تۆت داڭلىق چولپان
dilxatيوللىغۇچى : 2020-01-27 14:54:16   كۆرۈلۈشى:75
ساقلاش
ياخشى(0

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۆتىنچى: ۋاڭ باۋچياڭ

ۋاڭ باۋچياڭ 14 ياش ۋاقىتلىرىدىمۇ دېھقان ئىشلەمچى بولۇپ، ئون يىل بۇرۇن ۋاڭ باۋچياڭ يەنىلا شىمالىي كىنو زاۋۇتى ئىشىكى ئالدىدا پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ئاممىۋى ئارتىس ئىدى، ئون يىلدىن كېيىنكى ۋاڭ باۋچياڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەر چولپان بولۇپ قالدى. ۋاڭ باۋچياڭنىڭ ھاياتىنى« رىۋايەت» دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى: شۈ جېڭ

ئون چوڭ كىنوچىلىق شىركىتى ئىلگىرى شۈ جېڭنى رەت قىلغان ئىكەن، 2012-يىلى چاغاندا ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «تايلاندتىكى قىزىقارلىق ئىشلار» دېگەن كىنو قويۇلۇپ، «ئاسىيادىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپلا قالماي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە كىنو رېژىسسورى قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ!

ئىككىنچى: جوۋ رۈنفا

ئۇ ئىلگىرى ماشىنا يۇيۇش ئىشچىسى بولۇپ، ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن بۇ ئۆمرىدە روللس رويىس سېتىۋالالمايدۇ دەپ مەسخىرە قىلىنغان، كېيىن بىر قاتار كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئارقىلىق شياڭگاڭ «B كۈچى ئېستېتىكىسى» ئۇسلۇبىدىكى كىنونىڭ ۋەكىلى بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقە ماشىنىلىرىنى يىغىپ ساقلىغان، يەنە بىر نەچچە روللىس رويىس ماركىلىق ماشىنىسى بار، ئۇنىڭ ئاجايىپ ھاياتى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

بىرىنچى: سىتەيلون

ھوللىۋودتىكى گۇمپا چولپىنى سىتەيلون ئىلگىرى كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى تەرىپىدىن 1000 قېتىمدىن ئارتۇق رەت قىلىنىپ ئاندىن ئارتىس بولغان، سىتەيلون ئەمدىلا كەسپىنى باشلىغاندا باشقىلار ئۇنى سەت، بىر ئۆمۈر ئارتىس بولالمايدۇ دەپ مەسخىرە قىلغان. ئۇ بىر مەزگىل ئۆزىنى ناھايىتى كەمسىتكەن، كېيىن بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان بارلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت بوشاشماي تىرىشسىلا، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

باھا سۆزلەر

ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق !

OO ئالاقە فىلىم تەلەپ قىلىش ئۈستىگە قايتىش