رىۋايەتلىك چولپان كوبى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلدى
dilxatيوللىغۇچى : 2020-01-27 14:51:22   كۆرۈلۈشى:56
ساقلاش
ياخشى(0

دوڭچيۇدى تورى 27-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 1- ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسى «TMZ» باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ، خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داڭلىق ۋاسكىتبول ماھىرى، كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ گىگانت چولپىنى كوبى برايېنت بىر قېتىملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە بەختكە قارشى 41 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە كوبىنىڭ 13 ياشلىق قىزى ئىنامۇ شۇ ئايروپىلاندا بار ئىكەن. كوبى ئولتۇرغان شەخسىي تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا ئوت كېتىپ چۈشۈپ كەتكەن.

شۇ جاي ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كوبى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى كاراباساستا چۈشۈپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا جەمئىي 9 ئادەم بار ئىكەن.

بۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايروپىلاندا بىرمۇ كىشى ھايات قالمىغان بولغان بولۇپ، 9 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، كوبىنىڭ ئايالى ۋانېسا ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرمىغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبى ھازىر تەكشۈرۈلىۋىتىپتۇ.

كوبى بىلەن ئايالى ۋانېسانىڭ بىرلىكتە تۆت قىزى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى تېخى بىر ياشقا كىرمىگەن ئىكەن.

تاراتقۇ مۇخبىرى Shaun Kingنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەر لوس ئانجىلىس قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ جەزىملەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن، كوبى بىلەن باشقا 8 ئادەم تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.

كوبى برايېنت 1978-يىلى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان، NBA تارىخىدىكى رىۋايەتلىك توپچىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مايكىل جورداننىڭ ئىزباسارى دەپ ئاتالغان. كوبىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 6 فۇت (1.98 مېتىر) بولۇپ، مەيداندا ئارقا مۇداپىئەچى ئورنىدا ئوينىغان. 1996-يىلى 18 ياشلىق كوبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن تالانتلىقلارنى تاللاش يىغىنىنىڭ 13-رەت تەرتىپىدە شارلوت سېرىق ھەرىسى كوماندىسى تەرىپىدىن تاللانغان، ئارقىدىن ئۇ لوس ئانجىلېس كۆل ئادىمى كوماندىسىغا ئەۋەتىلىپ، ئۆزىنىڭ رىۋايەتكە يولغان ۋاسكىتبول ھاياتىنى باشلىغان. 1996-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە كوبىنىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتى كۆل ئادىمى كوماندىسىدا ئۆتكەن، بۇ مەزگىلدە ئۇ بەش قېتىم بىرلەشمىنىڭ ئومۇمىي چېمپىيونى بولغان، ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىممىتى بار توپچى، بىر قېتىملىق دائىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىممىتى بار توپچى ۋە ئىككى قېتىم نومۇر ئېلىش شاھى شەرىپىگە ئېرىشكەن، ھەمدە 11 قېتىم NBA بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە، 18 قېتىم چولپانلار سەپ شەكلىگە تاللانغان. 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوبى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللىغان، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 33653 نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، NBA بىرلەشمىسى تارىخىدا 3-ئورۇنغا تىزىلغان.

كوبىنىڭ شانلىق كەسپىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە ئارتۇق سۆزلەش بىھاجەت، كوبىنىڭ ۋاپاتى، NBA بىرلەشمىسى ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ۋاسكىتبول ساھەسىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىگە بولغان چوڭ يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ كوبىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ئېچىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمىز بىلەن چىن كۆڭلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار ۋە كۇلۇبلار بەس-بەستە كوبىغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسىنى يوللاشقا باشلىدى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئايرىم بىر يازمىدا نۇرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.


باھا سۆزلەر

ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق !

OO ئالاقە فىلىم تەلەپ قىلىش ئۈستىگە قايتىش