ھەقىقىي ئادەملىك فىلىم «خۇا مۇلەن» يېڭى تەشۋىق فىلىم ۋە سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى
dilxatيوللىغۇچى : 2019-12-07 17:06:37   كۆرۈلۈشى:41
ساقلاش
ياخشى(0

ۋاقىت تورى 5-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دىسنېينىڭ ھەقىقىي ئادەملىك فىلىمى «خۇا مۇلەن» بۈگۈن يېڭى تەشۋىق سۈرەت ۋە فىلىمىنى ئېلان قىلدى. تەشۋىق فىلىمدا مۇلەننىڭ دادىسىنىڭ ئورنىدا جەڭگە قاتناشقانلىقى، جەڭ جەريانىدا ھەقىقىي سالاھىيىتىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىدەك تەپسىلاتلار نامايەن بولغان.

فىلىمدە گوڭ لى سەلبىي رول ئالغان، جېن زىدەن سەركەردە رولىنى ئالغان، لى ليەنجيې پادىشاھ رولىنى ئالغان، يۇقارقى ئوبرازلار بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تەشۋىق فىلىمدە نامايەن بولغان بولۇپ، ئايال ئالۋاستى گوڭ لى ئۆتكۈز تىرناقلىرىنى چىقىرىپ، «خۇا مۇلەن» رولىنى ئالغان ليۇ يىفېي بىلەن يۇزتۇرانە ئېلىشقان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تەشۋىق فىلىمدە ئەسلى كىلاسسىك كارتوندىكى ناخشا «Reflection» تەڭكەش قىلىنغان، ئىگىلىنىشىچە ھەقىقىي ئادەملىك نۇسخىدىكى «خۇا مۇلەن»دە كارتوندىكى ناخشىلار چىقمايدىكەن، بىراق ليۇ يىفېي يەنىلا فىلىم ئۈچۈن ئاساسىي ناخشا «Reflection» نى ئورۇندىغان.

نىكى كارو رېژىسسورلۇق قىلغان، ليۇ يىفېي، ئەن يوسون، جېن زىدەن، گوڭ لى، لى ليەنجيې، تاڭ شانا رول ئالغان بۇ فىلىم 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.

تەشۋىق فىلىمى:


باھا سۆزلەر

ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق !

OO ئالاقە فىلىم تەلەپ قىلىش ئۈستىگە قايتىش