ئىتالىيە بىرلەشمىسى 15-ئايلانما: خەلقئارا مىلان 0:0 رىم
dilxatيوللىغۇچى : 2019-12-07 17:04:18   كۆرۈلۈشى:20
ساقلاش
ياخشى(0

جىبوبا تورى 7-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى مېئاززا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا رىم كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلاندىن لۇكاكۇنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، خەلقئارا مىلاندىن كاندرېۋا، رىمدىن سانتون قاتارلىق ماھىرلار يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رىم قاپقىچىسى مرانتې ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ كۆپلىگەن خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋېلىپ، توپ كەتكۈزمىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە رىم كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا خەلقئارا مىلان ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى، رىم كوماندىسدىن ۋېرېتوتنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى، لۇكاكۇ يەكمۇيەك ھالەتتە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لاۋتارونىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، رىمدىن زانىئولونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، خەلقئارا مىلاندىن بروزوۋىچنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ساھىبخان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان خەلقئارا مىلان پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ۋېسىنونىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، لاۋتارونىڭ تەپكەن توپى مۇداپىئەچىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى، بىراگىنىڭۇ تەپكەن توپىمۇ توسۇۋېلىندى، لۇكاكۇنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، لاۋتارونىڭ قاپقا ئالدىدا تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، كېيىنكى مىنۇتلارداخەلقئارا مىلان قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە رىم كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە يېڭىدىن سەركىلىك ئورۇنغا چىققان خەلقئارا مىلان، يۇۋېنتۇس بۇ ئايلانما غەلبە قىلسىلا قايتىدىن سەركىلىك ئورۇنغا قايتىپ كېلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

نۇر تورىدىن ئىلىندى


باھا سۆزلەر

ۋاقتىنچە مەزمۇن يوق !

OO ئالاقە فىلىم تەلەپ قىلىش ئۈستىگە قايتىش